باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاستە ئىمتىھان بېرىپ پراۋا ئېلىش بۇ يىل ئىچىدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ پراۋا ئېلىش تېزلىتىلىدۇ

2015.04.16 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل پىكاپ ھەيدەشنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاستە ئىمتىھان بېرىش، ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش، باشقا جايدا ئىمتىھان بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدىكەن، تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك ج خ ئورگان ئىسلاھاتى ئىشخانىسى مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىندىن ئىگىلىگەن ئەھۋال. ئىگىلىنىشىچە، ج خ ئورگان ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش 110 دىن ئارتۇق تەدبىرگە چېتىلىدىكەن، ھازىر ھەر قايسى ساقچى تۈرلىرى ۋە تارماقلارغا خىزمەتلەر تەقسىملىنىپ بوپتۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قۇشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى رېن شيازۇڭ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج خ ئورگان ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسلاھات پىكرى ۋە لايىھەسىنى رەتلەپ، 110 دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرىنى ئايرىپ چىقتۇق. بۇلتۇردىن بۇيان نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئىسلاھاتى، ج خ مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، جەمئىيەت ئامانلىقى باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش سېستىما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ يىل بەزى مۇھىم ساھە ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىسىدە بۆسۈش قىلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ج خ ئورگان ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا چېتىلىدىغان 110 دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى مىنىستىرلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، ھەر قايسى ساقچى تۈرى ۋە تارماقلارغا تەقسىملەنگەن. بۇ يىل توققۇز جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسى بويىچە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالانغان، يىل ئىچىدە پىكاپ ھەيدەشنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەر بىۋاستە ئىمتىھان بېرىش، ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش، باشقا جايدا ئىمتىھان بېرىش، زور گۇمانلىق دېلولار بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلاش تۈزۈمى قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  مەنبە خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر