- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىسرائىلىيە چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنىدە تەزىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2015.04.16 14:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە 15-ئاپرېل كەچتە ئېرۇسالىمنىڭ يادىۋىش چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان يەھۇدىيلارغا تەزىيە بىلدۈردى. چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان ئالتە كىشى بالىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئالتە مەشئەلنى ياندۇرۇپ، چوڭ قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغان ئالتە مىليون يەھۇدىينى ياد ئەتتى. تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى رىفلى ۋە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى، رىفلى مۇنداق دېدى: چوڭ قىرغىنچىلىق يەھۇدىيلار تارىخىدىكى بىر قورقۇنچلۇق كۈن. نېيتانىياخۇ سۆزىدە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر