باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابدۇللا ماتۇك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋاننىڭ مۇساپىرلار ئېغىر يۈكىگە ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.04.15 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئابدۇللا ماتۇك تۈنۈگۈن بېيرۇتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق سۇرىيە مۇساپىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە كەلتۈرگەن ئېغىر يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2011-يىلى مارتتا سۇرىيەدە كىرىزىس پارتىلىغاندىن بۇيان، لىۋانغا قېچىپ بارغان سۇرىيە مۇساپىرى بىر مەھەل بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يېتىپ، لىۋان نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىنلاشقان. ئۆتكەن يىلى دېكابىردا لىۋان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋاننىڭ سۇرىيە مۇساپىلىرى كىرزىىسىگە ئىنكاس بىلدۈرۈش پىلانىنى باشلىدى، بۇ پىلانغا ئىككى مىليارد يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدۇ، بۇ پۇل ئارقىلىق ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىككى مىليون 900 مىڭ كىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر