باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما كۇبانى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى

2015.04.15 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 14-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 14-ئاپرېل پارلامېنتقا خەت يېزىپ، كۇبانى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، باش ئەلچىخانىنى قايتىدىن ئېچىشتىكى چوڭ توسالغۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئامېرىكا 1982-يىلى كۇبانى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، كۇباغا قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىش ۋە سېتىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىنى رەت قىلغانىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بىر دۆلەتنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا داۋاملىق كىرگۈزۈشنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، شۇ دۆلەتنىڭ ئالتە ئايدىن بۇيان تېررورلۇققا ئائىت ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شۇغۇللانمىغانلىقىدۇر. ئوباما شۇ كۈندىكى پارلامېنت رەھبەرلىرىگە يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى: كۇبا ئۆتكەن ئالتە ئايدىن بۇيان، خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ھېچقانداق ياردەم بەرمىدى، كۇبا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى، شۇڭا كۇبانى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى قوللايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر