باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى سوت مەھكىمىلىرىدا قوش تىللىق سودىيە كەمچىل بولۇشى مەسىلىسى 2020- يىلغىچە ھەل قىلىنىدۇ

2015.04.14 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 13-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە « ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا قوش تىللىق سودىيەلەرنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا قوش تىللىق سودىيەلەرنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى سوت مەھكىمىلىرىدا قوش تىللىق سودىيە كەمچىل بولۇشى مەسىلىسىنى 2020- يىلغىچە تۈپتىن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئالاقىدار سوت مەھكىمىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ۋەكالىتەن تەربىيەلەپ، خەنزۇچە سودىيەلەر تەربىيەلەش ماتېرىيالى تۈزۈپ، قوش تىللىق سودىيەلەرنى تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئامممىنىڭ ئەرز قىلىشنى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى، شۇ جاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بىراق تارىخىي سەۋەب ۋە ئوبيېكىت شارائىت قاتارلىقلار چەكلمىسى تۈپەيلىدىن ھازىر قوش تىللىق سودىيەلەر قۇشۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئەرز شىكايەت ئېھتىياجى ۋە قوش تىللىق سوتلاش خىزمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر