باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ بۇلتۇرقى مائاش يېتەكچى سىزىقى
كۆپىنچە ئۆلكىنىڭ ئۆلچەم سىزىقى ٪12 تىن يۇقىرى بولدى

2015.04.15 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە 23 ئۆلكە 2014-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىلىرىنىڭ ئۆلچەم سىزىقى ٪12تىن يۇقىرى بولۇپ، تۆۋەن سىزىقى ٪4 ئەتراپىدا بولدى، پەقەت نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆۋەن سىزىقى نۆل قىلىپ بېكىتىلگەن، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ تۆۋەن سىزىقى نۆل ياكى مەنپىي ئېشىش، دەپ بېكىتىلگەن.

  مائاش يېتەكچى سىزىقى ئۆلچەملىك سىزىق، تۆۋەن سىزىق ۋە يۇقىرى سىزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەن سىزىق كارخانىلارنىڭ مائاشنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن چېكى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەن ياكى زىيان تارتقان كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ ئۆلچەملىك سىزىق ئوتتۇرىچە ئېشىش چېكىنى كۆرسىتىدۇ؛ يۇقىرى سىزىق ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ مائاشنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى چېكىنى كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېز ئاشقان كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

  جايلارنىڭ ئېلان قىلغان بۇلتۇرقى مائاش يېتەكچى سىزىقىدىن قارىغاندا، خېنەن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆلچەم سىزىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ٪15 كە يەتكەن؛ گۇاڭدۇڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ٪9 بولغان. يۇقىرى سىزىق ئادەتتە ٪20 ئەتراپىدا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن ئۆلكىلىرى يۇقىرى سىزىق بېكىتمىگەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بېكىتكەن يۇقىرى سىزىقى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ ٪14 بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر