- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇلتۇر ئېلىمىز مائاش يېتەكچى سىزىقى— <br> ئۆلچەملىك سىزىقى نىڭ كۆپىنچىسى 12% دىن يۇقىرى بولدى
2015.04.15 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -15 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 23 ئۆلكە مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى ، كۆپىنچىسىنىڭ ئۆلچەملىك سىزىقى % 12 دىن يۇقىرى ، تۆۋەن سىزىقى ئەڭ كۆپدىگەندە % 4 ئەتراپىدا بولغان، پەقەت نىڭشيا ئەڭ تۆۋەن سىزىقىنى « نۆل »دە، خەينەن بولسا « نۆل ياكى مەنپىي ئېشىش » دە بېكىتكەن.
مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ ئۆلچەملىك سىزىقى ، تۆۋەن چەك سىزىقى بىلەن يۇقىرى چەك سىزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەن چەك سىزىقى كارخانا مائاشىنى ئۆستۈرۈشتە يېتىشكە تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەنلەۋاتقان ياكى زىيان تارتىۋاتقان كارخانىلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۆلچەملىك سىزىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ يۇقىرى چەك سىزىقى ئاگاھ سىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كارخانا مائاشىنى ئۆستۈرۈشتە يول قويۇلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېزرەك ئېشىۋاتقان كارخانىلارغا ئىشلىتىلدۇ. بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېلان قىلغان مائاش يېتەكچى سىزىقىغا قارىغاندا ، ئۆلچەم سىزىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان خېنەن ۋە شىنجاڭنىڭ ، % 15 گە يىتىدىكەن؛ گۇاڭدۇڭ ئەڭ تۆۋەن ، % 9 گە يىتىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر