باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىراققا ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەردى

2015.04.15 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىراقلىقلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئىراققا ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدۇ.

  ئوباما تۈنۈگۈن زىيارەتكە بارغان ئىراق زۇڭلىسى ئاباد بىلەن ئاق سارايدا سۆھبەتلەشتى. ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى ئىراق خەلقىگە غايەت زور ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، بۇ ياردەم ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىراق مۇساپىلىرىگە بېرىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.

  ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: ئىران قوللاۋاتقان شىئە مەزھىپىدىن بولغان خەلق ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇشى ھەمدە ئۇنىڭئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر