باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شەرىف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.04.21 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدىسۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل ئىسلامئابادتا پاكىستان زۇڭلىسى شەرىف بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل ئىسلامئابادتا پاكىستان زۇڭلىسى شەرىف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستاندىن ئىبارەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستاننىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىگە كۈچ چىقىرىشنى بىردەك ماقۇللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-پاكىستان باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ئىشىنىپ، چۈشىنىپ، مەدەت بېرىپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. يېقىندا يۈز بەرگەن يەمەندىكى مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىدىمۇ جۇڭگو-پاكىستان ئۆز ئارا ياردەم بەردى. جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراخوتى نۇرغۇن پاكىستان پۇقرالىرىنى ئېلىپ ئادېن پورتىدىن چېكىندى، پاكىستاننىڭ ھەربىي پاراخوتى مۇكاللا پورتىدىن سەككىز جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ چېكىنىشىگە ياردەم بەردى. بۇ جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر