باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى بانكىلارنى تەكشۈرۈشى بىلەنلا، مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى

2015.04.21 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 17-ئاپرېل دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىغا تەكشۈرۈشكە باردى ۋە سودا-سانائەت بانكىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي بانكا ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 19-ئاپرېل ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ۋە بۇ ئاساستا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇ ئىككى مۇھىم خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟ بۇ توغرىسىدا زۇڭلىنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قارارىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىر-بىرىگە تاينىشى، تۈرتكە بولۇشى، تولۇقلىشى كېرەك

  زۇڭلى لى كېچياڭ 17-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: ئەمەلىي ئىقتىساد بەدەن، پۇل مۇئامىلە قان دېمەكتۇر، پەقەت بەدەنلا بولۇپ قان بولمىسا ئىقتىساد «ياشىيالمايدۇ». پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىر-بىرىگە تايىنىشى، تۈرتكە بولۇشى، تولۇقلىشى كېرەك.

  زۇڭلى مۇنداق دېدى: ھازىر، ئەمەلىي ئىقتىساد ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، كەسپلەرنىڭ يېڭى ئەھۋالى بارلىققا كەلدى، يېڭى كەسىپلەر گۈللىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئەنئەنىۋىلىكنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تايانچى قىلىشتەك ماتور يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو «ئۇلىشىش مەزگىلى»دە تۇرىۋاتىدۇ، بۇنى ياخشى ئۇلاشتۇرۇشتا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىككى كۈندىن كېيىن، 2015-يىلى 20-ئاپرېلدىن باشلاپ ئامانەت پۇل تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقاردى. قىسمەن تاراتقۇرلار بۇنىڭغا قارىتا، بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بازار مۆلچەرىدىن ئېشىپ، «پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بولۇشتىكى ئىرادىسى»نى نامايان قىلدى، دەپ باھا بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر