باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمىي تۈردە يېپىق ھالەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2015.04.21 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاپرېل، لىق يۈك باسقان ئىككى ماشىنا قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئاساسىي كىرىش ئېغىزىدىن كىرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شاۋلىڭ فوتوسى)

  20-ئاپرېل سائەت 11:00دە، لىق يۈك باسقان تاموژنىنىڭ نازارەت باشقۇرۇشى ئاستىدىكى يۈك ماشىنىسىنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، قەشكەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمىي تۈردە يېپىق ھالەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ بىپايان شىنجاڭدىكى ئىككىنچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قەشقەر ئايرودرومىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇلتۇر 2-سېنتەبىردىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ قۇرۇلۇش باشلىغان، پىلانلانغان كۆلىمى 3.56 كۋادرات كىلومېتىر، سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 900 مىليۇن يۈەن، 314، 315-دۆلەت يولى ۋە پىلاندىكى جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبىكىستان، جۇڭگو پاكىستان خەلقئارا تۆمۈر يولى قاتارلىقلار بىلەن ياندىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تۆمۈر يول، تاشيول، ئاۋىئاتسىيە بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش تورى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ رايوندا باجدىن خالىي ئامبار، باجدىن خالىي ئوبوروت، باجدىن خالىي پىششقلاپ ئىشلەش، كۆرگەزمە قىلىش، تاموژنا مەشغۇلاتى، ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتى ۋە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلەر بار.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قەشقەر تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئاساسىي ۋە نازارەت قىلىش باشقۇرۇشىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش تاماملانغان. نۆۋەتتە، بۇ رايون 26 كارخانا بىلەن مەبلەغ سېلىش كىلىشمى تۈزگەن. (تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر