مۇخبىرنىڭ 14-ئاپرېل سەنمېنشيا شەھەرلىك مۇزېيخانىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹ يىپەك يولى جۇڭگو فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ›› سەنمېنشيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆت ئايدىن بۇيان، 43 مىڭ (ئادەم /قېتىم ) تاماشىبىننى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.
2100 يىل ئاۋالقى يىپەك يولى بىر سودا يولى بولۇپلا قالماي يەنە، شانلىق مەدەنىيەت ۋە تارىخنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ. 2014-يىلى ئىيۇندا يىپەك يولىنى بويلىغان 33 ئورۇندىكى مەدەنىيەت مىراس نۇقتىسى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى سەنمېنشيا شەھىرى بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى 22 مەدەنىي مىراس نۇقتىسىدا تارتىلغان 407 پارچە سۈرەتنى توپلاپ، بۇنىڭدىن 177 پارچىسىنى تاللاپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان.
يىپەك يولى بويىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەر، قەدىمكى يوللار، قۇملۇقلار، بۇت تەكچىلىرى، مىڭ ئۆيلەر، قەلئەلەر، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سەددىچىن سېپىلى، كۈزەتخانا، گۈلخانا ھەم يەنە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان تارىخى رىۋايەتلەر.... تارىخنىڭ توپا-چاڭلىرى ئارىسىدىن مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى تاماشىبىنلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ گۈللىنىشى مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ! سەنمېنشيا شەھىرى مۇزېيىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماشىبىنلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئەسەرلىرى سەنمېنشيا شەھىرىدە سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.