ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 15-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋىسترالىيە سدنىيدىكى Millie-Belle Diamond دۇنيا ھەشەمەت بويۇملىرى ماركىسىغا ۋاكالەتچىلىك قىلىش تەكلىپى، مىكرو بېنىس مۇسابىقە ماشىنىسى ۋە ئىجتىمائىي تورىدا 115 مىڭ ھەۋەسكارىغا ئىگە، ئەمما ئۇ بولسا بىر 14 ئايلىق بوۋاق. بېشىدا. Millie-Belle نىڭ ئاپىسى ئۇنى تازا ياساپ سۈرەتكە تارتىپ تورغا چىقىرىش ئارقىلىق يىراق ۋاشىنگتوندىكى ۋە ئاۋىسترالىيەنىڭ كۋېنسلاندتىكى توغقانلىرىغا ئۇنىڭ چوڭ بولغىنىنى كۆرسىتىش ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن، سۈرەتلەر تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، LV، Channel،Burburry قاتارلىق ھەشەمەت ماركىلىرىنىڭ بالىلار كىيىملىرىگە ۋاكالەتچى بولۇش تەكلىپىنى ئېلىپ كەلدى. ھازىر، Millie-Belle ھەر قېتىم بۇ ماركىلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ياكى زىبۇ زىننەتلىرىنى تاقاپ سۈرەتكە چۈشۈپ تورغا چىقارسىلا 250 ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىدۇ، ئۇ ھازىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئەڭ پۇل تاپالايدىغان ئەڭ كىچىك تور مودىلى بولۇپ قالدى.