سۈرەتتە: 22-ئاپرېل، يوپۇرغان ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن«كىتاپ ئوقۇش كۈنى»پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش.
بۈگۈن 20-نۆۋەتلىك «دۇنيا كىتاب ئوقۇش» كۈنى، ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە قابىليىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئاممىنىڭ كۇتۇپخانا مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كىتابتىن روھىي ئۇزۇق ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، كىتاب ئوقۇش، كىتابتىن ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بېرىلدى.
دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى ئەڭ دەسلەپتە خەلقئارا نەشر ئەپكار بىرلەشمىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان. 1995-يىلى رەسمىي تۈردە 23-ئاپرېل «دۇنيا كىتاب ۋە نەشر ھوقۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندىگەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، ئىلىم ـ پەن ساھەسىدىكى ئالىملار شۇنداقلا مۇتەپەككۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىشى، ھۆرمەت قىلىشىنى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەد قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ كۈندە. ھەر يىلى دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەتتە تۈرلۈك تەبرىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» كۈتۈۋېلىنىدۇ.