خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «ئەينەك» تاراتقۇسىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق 37ياشلىق فوتوگراف ماش كرىستوف ئۆتكەن بەش يىلدا پىنسىلۋانىيە شىتاتىدىكى فلادېلفىيەگە جايلاشقان ھولمېسبۇرگ تۈرمىسىگە كۆپ قېتىم بېرىپ نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ رەسىملەرنى تارتقان. گەرچە بۇ تۈرمىنىڭ تاقالغىنىغا 20يىل بولغان بولسىمۇ، ھېلىھەم كىشىگە مۇدھىش تۇيغۇ بېرىدۇ.
ھولمېسبۇرگ تۈرمىسى 1896-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى دورا ياساش، بىئوخېمىيە تەتقىقاتى ۋە ئادەم تېنى تەجرىبىسىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن نۇرغۇن تالاش تارتىشنى قوزغىغان، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بۇ تۈرمىدە بىر قاتار توپىلاڭ يۈز بەرگەن، ھەتتا باسقۇنچىلىق ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈر بەرگەن، 1995-يىلى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، 20يىلدىن كېيىنمۇ كىشىلەرنى شۈركەندۈرىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى