باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ساياھەت

دۇنيادىكى شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن قۇملۇق ــ قۇمتاغ سەيلىگاھى(1)

2015.04.22 14:44   مەنبە: خەلق تورى

دۇنيادىكى شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى  ئەڭ يېقىن قۇملۇق ــ  قۇمتاغ سەيلىگاھى(1)

  قۇمتاغ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىغا، پىچان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 280 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربكە قاراپ 9 كىلومېتىر ماڭسىلا تۇرپانغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ شەرق غەرب ئۇزۇنلۇقى 6.2 كىلومېتىر، جەنۇپ بىلەن شىمالىي كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، قۇملۇق كۆلمى 1880 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە شەھەرگە ئەڭ يېقىن قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. قۇمتاغ مەنزىرە رايونى دۇنيادا كەم كۆرۈلىدىغان شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان، بوغدا كۆلى، باغراش كۆلى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى. پىچان بازىرىدا تۇرۇپ جەنۇبقا نەزەر سالسىڭىز، ئالتۇنرەڭ ھەيۋەتلىك قۇملار جۇلالىنىپ، سىزنى تەگسىز ئوي ـ خىيالغا چۆمدۈرىدۇ، بۇ سىرلىق قۇملۇق سىزگە تەبىئەتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە خىياللىرىڭىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىڭىزدىن ئاڭلىغان قۇم ئاستىغا غەرق بولغان شەھەر ۋە چېگگىزخان بايلىقىنى يۇشۇرغان سىرلىق جايلارغىچە داۋالغۇتىدۇ.

  ياز كۈنلىرىدە بۇ جاي ناھايىتى قۇرغاق ئىسسىق بولۇپ، كۆيۈۋاتقان يالقۇندەك كۆرىنىدۇ. قۇمغا دەسسىسىڭىز ئىسسىقتىن چىلىق ـ چىلىق تەرگە چۆمۈپ خۇددى ھور مونچىسىدا يۇيۇنغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسىز. بىراق، قۇملۇقنىڭ شىمالىدا، قىرغاقلىرىغا مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرغان سۈپسۈزۈك بىر دەريا بولۇپ بۇ خۇددى رىۋايەتلەردە سۆزلەنگەن باياۋاندىكى بوستانلىقلاردەك كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولغان قۇم ئارقىلىق داۋالاش نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەشغۇلاتى ئاددىي، زىيانسىز، ئۈنۈمى ئاجايىپ ئۆزگىچىلىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ھەر يىلى يازدا بۇ جايغا رېماتىزىم، بۇغۇم ياللۇغى، بەل، پۇتى ئاغرىيدىغانلار، شامالدارىپ قالغانلار، ئېمونىت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر بۇ جايغا كېلىپ داۋالىنىدۇ.

  مۇبادا بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلماقچى بولىسڭىز، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق ھەرىكەتكە كېلىڭ، بۇ قۇمتاغ مەنزىرىگاھى بازارغا بەك يېقىن بولغانلىقتىن ساياھەت تۈگىگەندە بازار ئايللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. بازارنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدا ياسىداق ئات ھارۋىلىرىدىن بىرنى كىرا قىلىپ، ئات تۇيىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايسىز، ساياھەت تۈگىگەندە مۇقام كوچىسىغا كەلسىڭىز ئۇ يەردىكى قايناق كەچلىك بازاردىن مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەي قالىسز.

  مەنزىرە رايونى 21-ئاپرېلدىن 20-ئۆكتەبىرگىچە ئەتىگەن سائەت 8:00دىن 21:00گىچە ئېچىلىدۇ.

  21-ئۆكتەبىردىن 20-ئاپرېلغىچە سائەت 10:00دىن 18:30غىچە ئېچىلىدۇ. 70 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار، 1.2 مېتىردىن پاكار بالىلار، مېيىپلەر، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەنلەردىن بېلەت ئېلىنمايدۇ. بېلەت باھاسى:60 يۈەن، بالىلار بېلىتى 30 يۈەن. ئوقۇغۇچىلار بىلەتتە %20 ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…