باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە يەر باھاسى تىز سۈرەتتە ئاستىلىدى

2015.04.16 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-ئاپرېل دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى جۇڭگو زېمىن ئۆلچەش پىلانلاش يۇرتى 2014-، 2015-يىلى 1-پەسىلدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ يەر باھاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. 105 ئاساسلىق شەھەرنىڭ يەر باھاسىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۇنىۋېرسال يەر باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاستىلىغان؛سودا، تۇرالغۇ يېرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن؛ سانائەت يېرى باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرىتى يۇقىرىلىغان. 2014-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا يەر بازىرىدا باھا ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن، يىل ئاخىرىدا ئۆرلەپ، 2015-يىلى 1-پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ يەر باھاسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان.

  1-پەسىلدىكى ئەھۋالغا قارىغاندا، تۈرلۈك ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ باھاسى بۆلىنىشى ئوخشاش شەھەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ روشەن بولدى. يەر باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تۆۋەنلىشى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىدى،يەر بازىرىنىڭ پەرقلىنىش دائىرىسى بىر ئاز كېڭەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر