باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانداق قىلغاندا تەدرىجىي چېكىندۈرۈپ چىقىشقا بولىدۇ؟

2015.04.21 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىققەت قوزغاۋاتقان يىمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئۈچ قېتىم قاراپ چىقىلدى. قائىدە بويىچە، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۈچ قېتىم قاراپ چىقىلغان لايىھەىسى بىلەن ئاخىرقى قارار لايىھەسى ئاساسەن ئوخشاش چىققان، ئاز ساندىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدىلا تالاش-تارتىش قىلىنغان.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىققاندا، ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش 2- قېتىم قاراپ چىقىشتىن بۇيانقى دىققەت قوزغىغان تىپىك نۇقتىلىق مەسىلەپ بولۇپ قالدى.ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قاراپ چىقىشتا، نۇرغۇن دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇننىڭ كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچلىرى دورىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بۇ ھەقتە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇنداق پىكىر بەردى: يۇقىرىقى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنىڭ شەرت شارائىتى پىشىپ يىتىلمىدى، قىسمەن كۈچلۈك زەھەرلىك دورىلارنىڭ قالدۇقى ئاز، ئۈنۈمى ياخشى، شۇڭا بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 3- قېتىم قاراپ چىقىلغان تىزىستە كۈچلۈك زەھەرلىك دورىلارنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىندى، بىراق بۇ دورىلارنىڭ ئورنىغا يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقىش تەكىتلەندى، زەھىرى ئاز دورىلارنى ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، قوغۇن تاۋۇز، مىۋە- چىۋە، كۆكتات، چاي ۋە جۇڭگو تىبابىتى ئۆسۈملۈك دورىسىغا ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېگەن بەلگىلىمە قۇشۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر