دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئىسلامئابادتا پاكىستانلىق دوست ئەربابلار، دوست تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارغا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى دوستلۇق مۇكاپاتى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگو پاكىستان دوستلۇقىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى. پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىننىڭ ھەمراھلىقىدا، شى جىنپىڭ دوست ئەربابلار، دوستلۇق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ جۇڭگو پاكىستان دوستلۇقىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا قەتئىي بوشاشماستىن تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان پاكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلارغا مىننەتدارلىق ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى.