باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىكاھتىن ئاجرىشىشتا ، قانداق خاتا قاراشلار مەۋجۇت

مەمەت سۇلتان

2015.04.22 11:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر كاللىدا ھەر خىيال دىگەندەك، ئوي پىكىر ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، چۇشەنچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. خەلقىمىز ئارسىدىمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىش مەسلىسىدە، نۇرغۇنلىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

  1) ئايرىلىپ تۇرغىلى ئىككى يىل بولسىلا ، شەرتىسىز نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قاراش.

  2) ئايال تەرەپ « ئىرىم مىنى ئۇردى، بۇ سەۋەپلىك ئائىلە زوراۋانلىقى شەكىللەندى. شۇڭا نىكاھتىن ئاجرىشالايمەن»، دەپ قاراش.

  3)كىم بالدۇر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ زىيان تارتىدۇ، دەپ قاراش.

  4)ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشىغا قوشۇلمىسا، سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۇمى چىقارمايدۇ، دەپ قاراش.

  5)سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسدا ھۆكۇم چىقارمىسىلا، ئايالىنى ئۆيىگە ئىلىپ كىتىش ھوقۇقى بار، دەپ قاراش.

  6)نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمى چىقىرىلغاندىن كىيىن، پەرزەنتلەر بىلەن ئادا-جۇدا بولسا بولىدۇ، دەپ قاراش.

  7)ئاجراشقان ئىكەن، تويدىن بۇرۇن بەرگەن مۇلۇكلەرنى قايتۇرۇشى كىرەك، دەپ قاراش.

  8)نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ، ئىلگىرىكى ئايالىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، دەپ قاراش.

  ئاپتۇر: يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر