زەرەپشان گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەھمەد مۇھەممەد فوتوسى) 3- شى 49- تۇەن – مەيدانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇەن – مەيدانغا قاراشلىق ھەرقايسى ليەندۈيلەرنىڭ «دېھقانلار كۇتۇپخانىسى»غا چارۋىچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت ئوقۇشلۇق ۋە تۈرلۈك گېزىت -ژۇرناللارنى سەپلەپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
سۈرەتتە: 23- ئاپرېل، بۇ تۇەننىڭ 13- ليەندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسال ۋاقتىلىرىنى ليەندۈينىڭ «دېھقانلار كۇتۇپخانىسى»دا تۈرلۈك دېھقانچىلىق كىتابلىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزمەكتە.
مەنبە: زەرەپشان گېزىتى