باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمە پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.04.20 16:16   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك  مىللەتلەر تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمە پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015-يىللىق بېيجىڭ مىللەتلەر كىنو كۆرگەزمىسىنىڭ ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان بۆلىكى «جۇڭگو مىللەتلەر تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمىسى» 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەتلىك كۆلەمدىكى، تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئىگە مىللەتلەر تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمە پائالىيىتى بولۇپ، ئابىدە خارەكتېرىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ كۆرگەزمە پائالىيىتىنى جۇڭگو مىللەتلەر مۇزىيى ۋە بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئۆتكۈزدى.

  6 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ مىللەتلەر كىنو كۆرگەزمىسىگە دۆلەت مىللەتلەر كومىتېتى مەدەنىيەت تەشۋىقات مەھكىمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئاخبارات-رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، بۇ يىل مىللەتلەر تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرنى قوشۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر كىنو كۆرگەزمىسىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ۋە مۇكەممەللىكىگە يېتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو مىللەتلەر تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمىسى» بۆلىكى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى.بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ تېمىسى «ماكان-مىراس» بولدى.

  بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە «ئېلۇنچۈن يۈز يىللىق سۆرەتلەر كۆرگەزمە مۇنبىرى» مەخسۇس تېمىسى كىشىلەرنىڭ دىققتىنى تارتتى. بۇ مەخسۇس سەھىپە جۇڭگو مىللەتلەر مۇزىيىنىڭ ئىجادىيلىق كۆرگەزمە ئىدىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى 5000پارچە ئېلۇنچۈنلەرنىڭ رەسىملىك ماتېرىيالىدىن 20پارچىنى، ئۆتكەن بىر ئەسىردىن بۇيانقى ئېلۇنچۈن خاتېرىلىرىدىن تۆت قىسىم كىلاسسىك مىللىي سىنلىق خاتېرىنى تاللاپ، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزىيىدا ساقلانغان 20پارچە ئېلۇنچۈن ئوۋچىلىق دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىققا قوشۇپ، «سۆرەت، سىن، يادىكارلىق» بىرلەشتۈرۈلگەن تارىخىي خاتىرىنى بەرپا قىلىپ، ئېلۇنچۈنلەرنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى زور تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزىيى يەنە مۇزىي مۇقەددەس بوشلۇقىدا مىللەتلەر ئىلغار خاتېرە كىنولىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ساقلىنىشى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر تارىخىي سىن ئىزدىنىشى ۋە ئىجادىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، «جۇڭگو مىللەتلەر مۇزىيى مىللىي خاتېرىلەر كىنو مەڭگۈلۈك ساقلانما مۇكاپاتى»نى ئالاھىدە تەسىس قىلدى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا