- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدە P4 تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى
2015.04.13 14:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانا P4 تەجرىبىخانىسى يېقىندا ۋۇخەن شەھىرىدە قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدە ئېبولا ۋىرۇسى تەجرىبە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. پاتوگېن (كېسەللىك قوزغاتقۇچى) لارنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە زىيانلىقلىقىغا ئاساسلانغاندا، بىيولوگىيەلىك بىخەتەر تەجرىبىخانىلارنىP1 ،P2 ،P3 ۋە P4 دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىشقا بولىدۇ. P4 تەجرىبىخانىسى مەخسۇس ئۆتكۈر پاتوگېن (كېسەللىك قوزغاتقۇچى) لارنى تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار قۇرغان بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى تەجرىبىخانا ھېسابلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر