باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سېلىنغان خىزمەت بىنالىرى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ

2015.04.10 16:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جايلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش روھىغا ئاساسەن، بوشىتىلغان ۋە قايتۇرۇلغان ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇلۇپ سېلىنغان خىزمەت بىنالىرىنى ئىجارە بېرىشكە، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: كۆلىمى كەڭ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن، زور مەبلەغ بىلەن سېلىنغان خىزمەت بىنالىرىنى بازارغا سېلىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

  تورداشلار مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا جايلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش روھىغا ئاساسەن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇلۇپ سېلىنغان خىزمەت بىنالىرىنى بوشاتسا ياكى قايتۇرسا بولامدۇ دەپ سوئال قويدى. كۆپىنچە جايلار بوشىتىلغان خىزمەت بىنالىرىنى بازارغا سالغان، مەسىلەن ئىجارىگە بېرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتسادچىل بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى»( ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، 2013- يىل 11- ئاي)نىڭ 7- ماددا 35- تارمىقىدا، «خىزمەت بىنالىرىنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىش چەكلەنگەن، ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىلگەنلىرى بولسا، مۇددىتى توشسىلا قايتۇرۇۋېلىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن، دېمەك بۇ بەلگىلىمە بويىچە جايلار ئارتۇق خىزمەت بىنالىرىنى بازار سالسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر