باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىك ھۆكۈمەت تۇنجى قېتىم مەخسۇس تۈر زايومى تارقاتتى

2015.04.08 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاپرېل ئېلان قىلغان «يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايۇمى تارقىتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى»دا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈر زايۇمى تارقىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدىلىدىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى مەخسۇس تۈر زايۇمىنىڭ تەۋەلىكى نېمە، تارقىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىشى ۋە قەرز قايتۇرۇش مەنبەسى قانداق؟ بۇ ھەقتە ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسىلەرنى زىيارەت قىلدىم. پاراۋانلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھۆكۈمەت فوندى ياكى مەخسۇس كىرىم بىلەن قايتۇرۇلىدۇ

  «ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈر زايۇمى يەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىك پايدا يارىتىپ بېرىدىغان پاراۋانلىق تۈرى بويىچە تارقىتىلدىغان ھۆكۈمەت زايۇمى.» مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي جىڭمىڭ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خامچوت دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەتلەر زايۇم تارقىتىش سوممىسى 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، 500 مىليارد يۈەن ئادەتتىكى زايۇم، 100 مىليارد يۈەنى مەخسۇس تۈر زايۇمى. بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس تۈر زايۇمى تارقىتىشى بولۇپ قالىدۇ. مەخسۇس تۈر زايۇمى تارقىتىشتىن ئىلگىرى، مالىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇش چارىسىنى چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايۇم تارقىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن ۋە قېلىپلاشتۇرىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى خامچوت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر زايۇمى يەرلىك ھۆكۈمەت زايۇمى شەكلىدە تارقىتىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر زايۇمى ئادەتتىكى زايۇم ۋە مەخسۇس تۈر زايۇمىغا ئايرىلىدۇ. ئادەتتىكى زايۇم جامائەت مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، قىزىل رەقەمنى تۈگىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ مەخسۇس تۈر زايۇمى ھۆكۈمەت فوند خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، پاراۋانلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ توپلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر