باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ب د ت نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ

2015.04.09 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۆنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەكلىپى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېلىيارسۇن 8-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىيارسۇن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىچى ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاڭ يىسۈي، لى باۋدۇڭلار ئايرىم ئايرىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مۇئاۋىن باش كاتىپ ئېلىيارسۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگو بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر