باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسىنىڭ 731-قىسىم خارابىسى يادرولۇق رايونىنى ئارخىلوگىيەلىك تازىلاش تاماملاندى

2015.04.10 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى 731-قىسىم جىنايەت پاكىتى سارىيىدىن ئىگىلىنىشىچە، «731» خارابىسى يادرولۇق رايونىدىكى باكتېرىيە تەجرىبىخانىسى ۋە ئالاھىدە تۈرمىنى ئارخىلوگىيەلىك تازىلاش خىزمىت دەسلەپكى قەدەمدا تاماملانغان بولۇپ، تازىلاش كۆلىمى 15337 كۋادىرات مېتىر بولغان، قېزىپ چىقىرىلغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ۋە مېتاللار، ئەينەك قاچىلار 1500دىن ئارتۇق بولغان.

  باكتېرىيە تەجرىبىخانىسى ۋە ئالاھىدە تۈرمە ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى 731 قىسىم باكتېرىيە تەجرىبىسى ۋە ئادەم تېنى تەجرىبىسى ئېلىپ بارىدىغان يادرولۇق رايون بولۇپ، ئالاھىدە تۈرمىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئادەم تېنى تەجرىبىسى قىلىنىدىغان «مارۇدا»لارنى قاماشقا ئىشلىتىلگەن.

  ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى 731-قىسىم جىنايەت ئىسپاتى سارىيىنىڭ باشلىقى جىن چېڭمىن باكتېرىيە تەجرىبىخانىسى ۋە ئالاھىدە تۈرمىنىڭ 731-قىسىم باكتېرىيە ياسايدىغان ئاساسلىق جاي ئىكەنلىكىنى، 731-قىسىمنىڭ باكتېرىيەلىك قورال تەجرىبىسى ۋە ئادەم تېنى ئاناتومىيەسى قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىۋاستە ئىسپات، ئارخىلوگىيەلىك تازىلاش خىزمىتىنىڭ 731-قىسىم خارابىسىنى قوغداش خارەكتېرلىق ئېچىشنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  باكتېرىيە تەجرىبىخانىسى ۋە ئالاھىدە تۈرمە خارابىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 170 مېتىر، كەڭلىكى 140 مېتىر بولۇپ، 731-قىسىم مەغلۇب بولۇپ قېچىش ئالدىدا پارتلىتىۋەتكەن. 1982-يىلى يادرولۇق رايوندىكى قىسمەن قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى غايىب بولۇپ، قۇرۇلۇش خارابىسى ساقلىنىپ قالغان.

  «731» خارابىسى ياپون مىللىتارزمىنىڭ جۇڭگودا باكتېرىيە تەجرىبىسى ۋە ئادەم تېنى تەجرىبىسى قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ھەمدە دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان باكتېرىيە ئۇرۇشى خارابىسى توپى بولۇپ، ئوسۋېشىن يىغىۋېلىش لاگىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئادە ئۆلتۈرۈش ئالۋاستى غارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر