باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە»بىلەن يۇقۇملىنىشتىن پەخەس بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.04.08 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، لوندون، 6-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: يەرلىكتە كەڭ كۆلەمدە «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە»دىن يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە، تەخمىنەن 80 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

  ئاتالمىش «دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە» ئاساسلىقى كۆپ خىل ئانتى بىئوتكىلارغا قارىتا چىدامچانلىققا ئىگە باكتېرىيىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئانتى بىئوتكىلارنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى بار.

  «مەملىكەتلىك جىددىي ئىشلار خەۋپ-خەتەر تىزىملىكى»دىكى يىللىق دوكلاتتا، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئەنگلىيەنىڭ كۆپ ساھەسىدە يۈز بېرىدىغان زور جىددىي ئەھۋاللارنىڭ خەۋپ-خەتىرى مۆلچەرلەنگەن. ئاممىۋى ساغلاملىق ساھەسىدە، دورىغا چىداملىق باكتېرىيەنىڭ قاندا يۇقۇملىنىشى كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرسە ۋە ھازىر بار بولغان ئانتى بىئوتكىلار كارغا كەلمىسە، يەرلىكتە تەخمىنەن 200 مىڭ كىشى تەسىرگە ئۇچراپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5/2 يۇقۇملانغۇچى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنكەن. بۇ قارىماققا ئاددىي ئوپېراتسىيەلەر خەۋپ-خەتەر كوئېففىتسېنتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دوكلاتتا بۇ خىل يۇقۇملىنىش كېسەللىك مىسالىنىڭ كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر