باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئىران يادرو كېلىشىمى مەڭگۈ كۈچكە ئىگە دېدى

2015.04.08 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى مونىز 6-ئاپرېل، ئىران يادرو مەسىلىسى كېلىشىمىنىڭ «مۇقىم يىل چېكى»يوق، بىر پارچە «مەڭگۈلۈك كېلىشىم» دېدى.

  مونىز شۇ كۈنى ئاقسارايدىكى ئادەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىدىغان بارلىق يوللىرى ئېتىلىدۇ، ھەمدە ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى ئۇزۇنغىچە مەزمۇنلارغا رىئايە قىلىشى ئۈچۈن، يادرو ئەسلىھەلىرىگە نىسبەتەن قەرەلسىز قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ، دېدى.

  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مونىز يەنە ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئالدىنقى كۈنى بىرلىككە كەلگەن ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى رامكا خارەكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسىدىكى مەزمۇنلاردا ئىختىلاپىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ پەقەتلا كېلىشىمنى بايان قىلىشتا «ئوخشىمىغان قاراتمىلىق نۇقتىسى بار» دېدى. ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ يازما ھۆججەتنى بايان قىلىش ۋە ئىمزالاشتا زىددىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر