باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ

2015.04.09 15:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ. 8 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇش چارىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇش ئەھۋالى، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھەققىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈش ئەھۋالى، قانۇن - پەرمانلارنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانىدا ساقلانغان يېڭى ئەھۋال ۋە تۈزىتىش تەكلىپلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، «ئوبوروت ئۇسۇلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش» تەرەققىيات لىنىيەسى چۆرىدىلىپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ئىگىلىك ھوقۇقىنى تىزىملاش پۇختا سىناق قىلىنىپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ئوبوروت خىزمىتى پۇختا ئىشلىنىپ، يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يەر ھۆددىگەرلىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ئوبوروت خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىپ، يەر ھۆددىگەرلىكى ماجىرالىرىغا كېسىم چىقىرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش خىزمىتى پۇختا ئىشلەنگەن. ئەمما قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭىنى كۈچەيتىش، يەر ئوبوروت سودىسى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى قالاق بولۇش، يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاشقا بولغان تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ئاجىز بولۇش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوڭ شىنگۇاڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: «يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى» يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار خىزمىتىدە بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىسلاھات - تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە «يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈپ، مەسىلىنى بايقاشقا تىرىشىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، بىر - بىرىدىن ئۆگىنىپ، ھەقىقىي بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىپ، سۈپەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر