كونىلاردا ‹‹ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق ›› دەيدىغان گەپ بار. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي توشقىنى دارۇسنىڭ بالىسى جېفمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش گىگانت توشقان بولۇپ يېتىلگەن. بۇ ئاتا-بالا ئىككىيلەن ھازىر ئەنگلىيەدىكى بىر ئائىلىدە بېقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بۇ ئىككى توشقانغا بەكمۇ ئامراق.