باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش توغرىسىدا ھۆججەت چىقاردى

2015.04.09 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدا پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ ھۆججەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8 - ئاپرېل بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن تارقاتتى. پىكىر سەككىز بۆلەك 26 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، خىزمەت پىرىنسىپى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا تىپنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ سۇبيېكتى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەت تەلىپى كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىختىلاپى كۈنسېرى گەۋدىلىنىش ۋە كۆپ يۈز بېرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىغا ئائىت دېلولار كۆپەيدى، بەزى جايلاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، كوللېكتىپ ئىشتىن توختاش ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر ھەم مۈشكۈل بولماقتا.

  پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائاش بېرىش بەلگىلىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائاش بېرىشنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش، مائاش كاپالەت سوممىسى ۋە نېسى قالغان ئىش ھەققىنى جىددىي ئوبوروت قىلىش سوممىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نېسى قالغان ئىش ھەققى كاپالەت سوممىسى تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، نېسى قالغان ئىش ھەققىنى تولۇق بېرىش بويىچە قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالغان كارخانا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمگەك ئىش ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بىلەن ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋە ئوتپوسكا ئېلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى، مەملىكەت بويىچە يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى، مائاشلىق ئوتپوسكا قاتارلىق بەلگىلىمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئالاھىدە ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىنى تەستىقلاپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قانۇن بويىچە دەم ئېلىش ۋە ئوتپوسكا بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقىنى قوغداش ئۆلچىمىنى كەسكىن ئىجرا قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسپىي تازىلىق تەلىم - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەمگەك بىخەتەرلىك ۋە تازىلىق شارائىتى، ئەمگەكنى قوغداش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش، زىيانلىق كەسپىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان چاغدا ھەم ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى ئالاھىدە ئەمگەكچى قاتارىدا قوغداشنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى ۋە كەسپىي كېسەللەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئازلىتىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش چارىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئەمگەك قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئىشچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر