باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پىكىر ئېلان قىلدى: تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، كېپىللىك قويۇپ بېرىش شەرتلىرى قاتارلىق 22 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئاشكارىلىشى كېرەك

2015.04.08 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈرمە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلدى. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈرمىدە قانۇننى ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش جەريانىدىكى شەرت ۋە تەرتىپلەر شۇنداقلا تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش، كېپىللىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش نەتىجىسى قاتارلىق جەمئىيەت بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان، تۈرمىدە قانۇننى ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى 22 تۈرلۈك مۇھىم، قىزىق نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى جامائەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جامائەت، جىنايەتچىلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋە جىنايەتچى قاتارلىق ئاشكارىلاش ئوبيېكتىنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈرمە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈرمە جىنايەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا جامائەتكە ئاشكارىلىغان مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە تۈرمىنىڭ جىنايەتچىلەرگە دەرىجىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش-جازالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جىنايەتچىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىگە چېتىلىدىغان 10 تۈرلۈك جازا ئۆتەش ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى كېرەك. جىنايەتچىگە جامائەت ۋە جىنايەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئاشكارىلىغان مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە تۈرمە رايونى ۋە شۆبە تۈرمە رايونىنى بىرلىك قىلىپ، تۈرمىدە جازانى ئىجرا قىلىش ۋە باشقۇرۇش جەريانىدىكى قانۇنىي ئاساس، تەرتىپ، نەتىجىلەرنى شۇنداقلا نەتىجىگە قايىل بولمىغان ياكى باشقىچە پىكىردە بولغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق قانۇننى ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر