باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەقسىملەشتىكى «پارچىلىۋېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ

2015.04.14 09:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەقسىملەشتىكى «پارچىلىۋېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گەنسۇ ئۆلكىسى بۇ يىل نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قاتناش قاتارلىق 15 تارماق باشقۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك مەبلەغدىن 38مىليارد 900مىليون يۈەننى بىرلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، 58 نامرات تۇتاش كەتكەن رايون ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلىشىگە مەركەزلىك ئىشلىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى مەركەزلىك بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھات كۈچى كۈچلۈك، بىرىكتۈرۈش دائىرىسى كەڭ، مەبلەغ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسى تارىخىدا بولۇپ باقمىغانىكەن. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گەنسۇ ئۆلكىسى ئامىل ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلاشنى قوللىنىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم بىرىكتۈرۈلگەن مەبلەغنى بىر قېتىمدىلا ناھىيەلەرگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان، بۇ بىرىكتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %93نى ئىگىلىگەن. ناھىيە، رايونلۇق ھۆكۈمەت مەبلەغ، تۈر ئۈچۈن مەخسۇس قاترىماي، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ئۆلكە دەرىجىلىك تارماقلار خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كونكرېت تۈرنى بېكىتىشتىن ئاساسى قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشقا قارىتىپ، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن.

  گەنسۇ ئۆلكىسى ئۈنۈمنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، «قىزىل تىزىملىك»، «قارا تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ تەقسىملەش، تۈر تۇرغۇزۇش بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. تۈر مەبلىغى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى يولغا قويۇپ، مەبلەغنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرسا، شۇ يەرنى ئەگىشىپ نازارەت قىلىپ، مەبلەغنىڭ نامرات رايون، نامرات دېھقانلارنىڭ قولغا ھەقىقىي يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر