باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنتېرنېت تورىدا كېسەل داۋالاشقا يول قويۇلمايدۇ

2015.04.14 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنتېرنېت تورىدا كېسەل داۋالاش داۋالاش مەنئى قىلىنغان رايوننى بۇزۇپ تاشلايدىغان تاشلىمايدىغانلىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى. دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سوڭ شۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: ئىنتېرنېت تورىدا دىئاگنۇز قويۇپ داۋالاشقا يول قويۇلمايدۇ، سالامەتلىك جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشكىلا بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: داۋالاش سۇبيېكتىغا ئاساسەن، يىراقتىن داۋالاش مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى يىراقتىن داۋالاش؛ داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدا بولۇپمۇ شارائىتى بىر قەدەر ناچار، داۋالاش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن ئورگانلار بەزى مەخسۇس ياكى ئۇنىۋېرسال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك چوڭ دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ، بۇ داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى بىمارلارنى يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى، داۋالاش ئورگانلىرى ئۇچۇرلاشقان تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىمارلارنى بىۋاسىتە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش. بىز بۇنى يىراقتىن داۋالاش، دەپ ئاتايمىز.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يىراقتىن داۋالاش بىۋاسىتە داۋالاشقا ئوخشىمايدۇ، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يىراقتىن داۋالاشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئورگانلار ۋە خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى نىڭشيا، يۈننەن قاتارلىق بەش ئۆلكە،ئاپتونوم رايوندا يىراقتىن مەسلىھەت بېرىش سىياسىتى سىنىقىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلغان، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ شېخې دوختۇرخانىسى ۋە جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى، بۇ بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بارلىق ئالا داۋالاش بايلىقىنى ئېچىۋېتىدىغان بولغان. سۇڭ شۇلى مۇنداق دېدى: باشقا داۋالاشقا چېتىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا قانات يايدۇرۇلۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر