خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -13 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق ئىدارسىدىن يېڭۆستەڭ يېزىسىنىڭ كۆتەمە ئېرىق كەنىتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئائىللەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ، دىھقانلارنىڭ يېڭىدىن سېلىپ ئولتۇرىۋاتقان يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مۇھىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىگىنى ، دىھقانلارنىڭ يېڭىدىن كۆچەت سېتىۋېلىپ تىكىش ئارقىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مۇھىتىنى ياخشلاش ئارزۇسى بارلىغىقىنى ، ئەمما مەبلەغ جەھەتتە قىينىلىپ بېشى قېتىپ تۇرغانلىقىنى بىلىگەندىن كېيىن ، 70 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ، بۇ كەنىتىنىڭ 1.5 كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دائىرىدا ئولتۇرىۋاتقان 120 ئائىللىك دىھقاننىڭ ئۆيى ئالدىدىكى ئورمان بەلۋىغىدىكى كونا دەرەخلەرنى چىقىرۋېتىپ، ئورنىغا قارا تىرەك كۈچىتى تىكىپ ،بۇ كەنىتنىڭ يېشىل مەنزىرە بەلۋىغى ھاسىل قىلىپ ،گۈزەل يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى .
سۈرەتتە :خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار دىھقانلار بىلەن بىرىگە كۈچەت تىكمەكتە.
چەرچەن ناھيە رادىيۇ-تىلىۋىزىيە ئىستانىسىدىن : مەڭلىك ئىمىن .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى