- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى 2016- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2015.04.13 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى «@ يېڭى خەلقئارا» مىكرو بلوگى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ھىلارى كېلىنتون 12- ئاپرېل 2016- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھىلارى %62 قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى بىلەن پارتىيە ئىچىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان جىب بۇش (ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ ئىنىسى) بىلەن بولغان رىقابەتتە %40 لىك قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىگە قارشى %55 لىك قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى بىلەن غەلىبە قىلغان. ھىلارى 2008- يىلى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان، بىراق ئوباماغا يېڭىلىپ قالغانىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر