باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيەدە يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى نامايىش پارتلىدى

2015.04.14 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيەدىكى 24 ئىشتات ۋە پايتەخت بىرازىلىيە فېدېراتسىيە رايونىدىكى پۇقرالار 12-ئاپرېل چوڭ كۆلەملىك چېرىكلىككە قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەل توكۇس ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىرازىلىيەدىكى 25 ئىشتات بىلەن پايتەخت بىرازىلىيە فېدېراتسىيە رايونىدا 1 مىليوندىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ئۇندىن كىيىن ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ چىرىكلىككە قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ھەمدە سۆزلىشىشنى خالايدىغانلار بىلەن كەڭ دائىرىدە سۆزلەشتى. بىراق روسىف 2-قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ 100 نەچچە كۈندىن كىيىن، بىرازىلىيە ئىقتىسادى يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تۇردى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كونكېرت ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرىدىن نارازى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر