باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى

2015.04.14 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇندىن يېرىم ئاي بۇرۇن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئېچىلغان پەيتتە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى» رەسمىي ئېلان قىلدى، بىر بەلباغ، بىر يول كەلگۈسى پىلانى ھەممە دىققەت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا مەيدانغا چىقتى، ھازىر بىر بەلباغ، بىر يول ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا 17 ئاي ۋاقىت بولدى.

  17 ئايدا ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى، 17 ئايدا بۇندىن 2 مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمىي سودا يولى قايتىدىن ئۈزۈل-كېسىل جانلاندى؛ 17 ئايدا جۇڭگو ئىجادىيىتى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن تۆۋەن بولۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا گۈللىنىش يېڭى تەپەككۇر يولىنى يارىتىپ بەردى.

  60 نەچچە دۆلەت، 4 مىليارد 400 مىليون نوپۇس، 21 تىرىليون رايون ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى؛ جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، ئافرىقىدىن ياۋروپاغىچە؛ ئۇل ئەسلىھەلەردىن ئېنېرگىيەنى ئېچىشقىچە، كەسپىي ھەمكارلىقتىن پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىغىچە؛ بىر بەلباغ، بىر يول يالغۇز ئوينايدىغان ئويۇن ئەمەس، شۇنداقلا چوڭ خور. بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددىمە باشلاندى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئاساسىي مېلودىيە يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

  13-ئاپرېلدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئاۋازىنىڭ زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە قانىلىدا « بىر بەلباغ، بىر يول ھەرىكەتتە» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر بېرىلىدۇ، مۇھىم نۇقتا بىر بەلباغ، بىر يول ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىگە قارىتىلىدۇ.

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر