باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسەت خاراكتېرلىك ئۈچ بانكىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى

2015.04.13 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاپرېل تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 12- ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو ئېمپورت- ئىكىسپورت بانكىسى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقنى خەۋەر قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر: بۇ قېتىم ئورۇن بەلگىلەش، دائىرىسىنى ئايرىش، خەتەرنى كونتىرول قىلشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا يۇرۇتۇلدى، بۇ دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سېستىمىسنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەركەز مالىيە ئۇنىۋېرىستېتى جۇڭگو بانكىچىلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو تيەنيۇڭ: «بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى سىياسەت خاراكتىرلىك بانكىدىن تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇلدى»، دېدى.گو تيەنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئالدىنقىسى بازار ئايلىنىشى ئارقىلىق دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە مەدەت بېرىدۇ، تەرەققىيات خاراكتېرلىك تۈر بولسىلا ئارىلىشىدۇ؛ كېيىنكىسى بەزىدە سىياسەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسلىق تاشقى سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئالاھىدە ساھەلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر