- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نامازنى تاشلاپ باي بولۇشقا ئالدىراش
مۇتەللىپ ئەبدۇراھمان، چىن جىگاڭ
2015.04.13 16:35 مەنبە: خەلق تورى
(ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى داخان كەنتىنىڭ يەنە بىر قېتىم «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت-بازار» دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكى تووغرىسىدا)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -13 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ داخان كەنتى يەنە بىر قېتىم «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت-بازار» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، بۇ خەۋەرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن پۈتۈن داخان كەنتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، بۇ تاسادىپىيلىقمۇ ياكى مۇقەرەرلىكمۇ؟ داخان كەنتىنىڭ باشقا كەنتلەر بىلەن قانداق پەرقى بار؟ مۇخبىرلار ئىشنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى داخان كەنتىگە باردى.
«ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش»تە ئەپچىل چارە قوللانغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يەرلىك تەزكىرە كومىتېتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزسىنىڭ داخان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىيەنئەن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، مەسچىتتە 40 تەك ئادەم ناماز ئوقۇيتى، ھازىر 30 دەك ئادەم قالدى، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ياشانغانلار، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرجىلىك ئورۇنلار قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەپ، ‹ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش› پائاليىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىنى بېيىتقاچقا، دېھقانلار ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، زېھنىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجىلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشقا قاراتتى».
كەننتىكى ھەممە ئادەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، باي بولۇپ ھاللىق سەۋيىگە يېتىشنىلا ئويلىغاچقا، ناماز ئوقۇيدىغانلار كۆرنەرلىك ئازايغان، كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىشى بىلەن بىر يىلدا ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن 10 كىشى ئازلىغان.
كەنت كادىرلىرىنىڭ دېيىشچە، خىزمەت گۇرۇپىسى ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەندە، زاغرا تىلىدا دىنغا ئېتقات قىلىدىغانلار بىلەن مۇڭدىشۇپ، ئامما چۈشۈنەلەيدىغان گەپلەر بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلغان.
كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلماي بېيىش كۇيىدا بولغانلارغا:«كەنتتىكى بەزى نامرات كىشىلەر دائىم ناماز ئوقۇسىمۇ، ئۇلار يەنىلا نامرات ئۆتىۋاتىدۇ، خۇدانىڭ ئەزەلدىن كارى بولمىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياردەم قىلمىغان بولسا، بەزىلەر ئاچ قالغان بولاتتى» دەپ نەسىھەت قىلغان.
مۇھەممەت ئىلگىرى ئۆزىنى بىلمەي، قىمار ئويناپ تۇرمۇدىمۇ ياتقان، مۇھەممەتنىڭ ئەسلىدە ئالتە مو يېرى بولۇپ، ئۆيىدە 70 ياشقا كىرگەن زېھنى ئاجىز ئانىسى بار ئىدى، ئۇ تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ تۈزۈك يەر تېرىماي يە ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپماي، دائىم تورخانىغا بېرىپ ئۇيۇن ئويناپ، قىمار ئويناپ يۈرگەن، خىزمەت گۇرۇپىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا «ئاناڭ ياشىنىپ قالدى سەنمۇ كىچىك ئەمەس، تۇرمۇش قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈشىڭ كېرەك، دائىم مۇشۇنداق لاغايلاپ يۈرسەڭ، سېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاناڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟ ئاناڭنى ئازراق بولسىمۇ خوشال قىلالمامسەن؟ ئۇنىڭغا ھىچ بولمىغاندا ھەپتىدە ئىككى قېتىم گۆش يېگۈزەلمەمسەن؟» دەپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەن، كەنت كادىرلىرى بىلەن خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى كادىرلارنىڭ تەربىيەسى ئارقىسىدا، مۇھەممەت ئۆزگۈرۈپ، ئالتە مو يېرىنى تېرىغاندىن باشقا يەنە كەنتتىن 10 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تېرىغان،
مۇھەممەت تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتىدا دېھقانچىلىق ۋاستىلىرى، شال ئۇرۇقى سېتىۋالىدىغان پۇلۇم بولمىغاچقا خۇاڭ جىيەنئەن ماڭا 4000 يۈەن ئۆتنە بېرىپ، قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلدى، ئۇلار ماڭا يەنە تۇرۇمۇش جەھەتتە خالىس ياردەم بەرگەچكە مەندە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ تۇغۇلدى، بۇلتۇر مەن شال تېرىپ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، خىزمەت گۇرىپىسى ياردەم قىلمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتى، كومپارتىيەگە رەھمەت!».
ھەممە ئادەم بەس-بەستە «بېيىش يولى»دا ماڭغان داخان كەنتىدە جەمئى 150 ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە 147 كەنت دەرجىلىك مەدەنىي ئائىلە، ئۈچ يېزا دەرجىلىك مەدەنىي ئائىلە بولۇپ، ھازىر بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى 17 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، بۇ كەنتتىكى ئىمام تۇرغۇن، بىر دىنىزات، شۇنداقلا بىر بېيىش ماھىرى بولۇپ، يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، ئۇنىڭ بىر پارنىكى بولغاندىن سىرت يەنە 30 يەرگە شال تېرىيدىكەن.
خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ شۈيپىڭ مۇنداق دېدى:«ئىمام تۇرغۇن باي بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن تىرىشتى، ھەر قېتىم ناماز ۋاقتىدا ئۇ ئېتىزدا ئىشلەپ، مەسچىتكە ھەممىدىن كېيىن باراتتى.
مۇتەللىپ تۇنيازمۇ بېيىش ماھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 15 مو شاللىقى بىر مودىن ئارتۇق پارنىكى بار ئىدى، ئۇ پارنىكتا مەقسۇس شاپتۇل ئۆستۈرۈپ، شاپتۇل دەرىخى ئاستىغا كۆكتات تېرىپ، يىلدا نۇرغۇن كىرىم قىلغان.
مۇخبىر مۇتەللىپ تۇنيازنىڭ پارنىك سىرتىدا نۇرغۇن سۈۋەتلەرگە تېڭىلغان تۇرۇپ قاچىلاپ قويغانلىقىنى كۆردى، بۇ تۇرۇپلار سېتىش ئۈچۈن پارنىكتىن يېڭىدىن يۇلۇنغان ئىدى، پارنىكتىكى شاپتۇل دەرىخى مىۋىلەشكە باشلىغان ئىدى،
كەنتتىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خىزمەت گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشقان، بىر كەنت كادىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بۇلتۇر كىيىنكى يېرىم يىلدا، خىزمەت گۇرۇپىسى كەنتىمىزدە ئۆزگىچە باقمىچىلىق يوق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆزلىرى مەبلەغ چىقىرىپ كەنتكە ئالتە تۆگە قۇشى ئېلىپ بېرىپ، تۆگە قۇشى باقمىچىلىقى بارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى».
بىلىم ئارقىلىق بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ، مۇخبىرلار خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ كادىرلىرى بىلەن داخان كەنتىدىكى بىرنەچچە «مەدەنىي ئائىلە» گە كىرگەندە، ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش تېخنىكىسى، مىۋىلىك كۆچەتنى ئۇلاش، تىببى داۋالاش سەھىيە، سىياسەت ۋە تارىخقا ئائىت ھەر خىل كىتاپلار بارلىقىنى كۆردى، دېھقان تۇرغۇن تۇردى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى؛ مەن 12 مو شال تېرىيمەن، 20 مو ياڭاق ئۆستۈردۈم، ئىككى تۇياق سىيىر، 30 تۇياق قوي باقتىم، يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، بىلىم بىزگە نىسپەتەن بەك مۇھىم ئىكەن، مەسلەن ئۆي قۇشلىرى، مېۋىلىك دەرەخلەرگە كېسەل تەگسە قانداق قىلىش كېرەك؟كىتاپقا قارىساقلا ھەممىنى بىلۋالالايدىكەنمىز.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر