- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇچۇش لىنىيەلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋىنى 100يۈنگە چۈشۈپ قالدى
2015.04.14 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -14 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئايدا، شىنجاڭ ئىچىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋىنى 151 يۈەن. 13-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيەسى ، دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، مۇشۇ ئايدا شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت شەھەرلىرىگە ئۇچۇدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. بېرىپ-كېلىش بېلىتىنى مىسالغا ئالساق ، ئايروپىلان بېلىتى باھاسى ئاساسەن500 يۈەندىن تۆۋەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى -كورلا بېرىپ-كېلىش بېلىتى 220 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى-نارات بېرىپ-كېلىش بېلىتى 330 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى- غۇلجا بېرىپ-كېلىش بېلىتى 290 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى- قەشقەر بېرىپ-كېلىش بېلىتى 440 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر