- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


روسىيە ئىرانغاS-300 بەلگىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى
2015.04.14 18:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 13-ئاپرېل پەرمان ئىمزالاپ، روسىيەنىڭ ئىرانغاS-300 بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى.
روسىيە زوڭتوڭى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن شۇ كۈنى پەرمان ئىمزالاپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1929-نومۇرلۇق قارارىنىڭ روسىيەدە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، روسىيەنىڭ ئىرانغاS-300 بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان، بۇ پەرمان شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر