خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -14 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12-ئاپرېل، يېڭى بېيجىڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئايال يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا يىڭنە سانجىش سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلدى» دېگەن خەۋەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. تۆنۈگۈن شىجىڭشەن رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئىشقا چېتىشلىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى خىزمەتتىن بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا يەسلىلەرنى تەرتىپكە سېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەقەگە چېتىشلىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يەسلى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى.
شىجىڭشەن قەدىمىي شەھەر يەسلىسى كىچىك ياشتىكى بالىلار سىنىپىدىكى بىر قانچە بالا بۇيىل 3-ئايدا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن يىڭنە سانجىپ يارىلانغان، ئاتا-ئانىلار ۋە يەسلى بۇنىڭغا ئارىلاشقان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تۆت نەپەر يىڭنە سانجىلغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يەسلىگە بېرىپ يەسلى تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەن. ساقچىلار بالىلارغا يىڭنە سانجىغان ئوقۇتقۇچىنى مەمۇرىي جەھەتتىن توخۇتۇپ قويغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى