خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -14 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015-يىلى 12-مارت يولداش سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىق خاتىرە كۈنى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن مەملىكەتلىك سىيەسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە ئىشلىگەن ئالتە قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «سەيپىدىن ئەزىزى» تۇنجى بولۇپ 27-مارتتىن 1-ئاپرىلغىچە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى 1-قانىلىدا قويۇلدى.
بۇ فىلىم يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلاب ھاياتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مۇتەخەسىس ۋە ئالىملارنى زىيارەت قىلىش، نۇرۇغۇن قىممەتلىك تارىخىي ماتىريال، سۆرەت، كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە بولغان يۈكسەك سادىقلىقىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى روشەن مەيدانى شۇنداقلا پوزىتسىيەسىنى، ئالىيجاناپ ئىدىيەسىنى، ئەخلاق پەزىلىتىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھەت ئىشلىرى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرانىڭ مۇقىملقى بولۇپمۇ شىنجاڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھەت ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن.
«سەيپىدىن ئەزىزى» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ۋە قويۇلىشى، يولداش سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرلەش شۇنداقلا ھازىرقى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمنىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى