خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادالىق ئەر-خوتۇن ۋېئان ئادامىس ۋە كاتىرىن كىڭ ئاۋات شەھەر تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، برىتانىيەنىڭ كولۇمبىيە ئۆلكىسى توفېنو رايونىدىكى دېڭىز قولتۇقىدا ئۆزىنىڭ سۇ ئۈستى ئۆيى ۋە گۈللۈكىنى ياساپ، ئۇنى «ئەركىنلىك قولتۇقى» دەپ ئاتاپ، مول مەزمۇنلۇق ئۆز-ئۆزىنى قامدىغان تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ قۇرۇلۇشلار 12 تال تۈۋرۈك بىلەن تىرەپ تۇرۇلغان ياغاچ ئۆي، كۆكتات پارنىكى ۋە تۇرمۇش بوشلۇقىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ياغاچنىڭ لەيلىتىش كۈچى بىلەن سۇ ئۈستىدە تۇرىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى