باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر (2)» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

باش سىياسىي بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

2015.04.14 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر (2)» ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتىدا نەشىردىن چىقىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا تارقىتىلدى. باش سىياسىي بۇ يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، قىسىمنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باش سىياسىي بۇ تۈزۈپ چىققان «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر (2)» بىلەن 2014-يىلى نەشىردىن چىققان «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى ئۆز ئارا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئاساسىي ماتېرىيالى قىلىپ، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەينەن، تولۇق، سىستېمىلىق ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. بۇ كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە قىلغان مۇھىم سۆزلىرى كىرگۈزۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى، نەزەرىيە قارشى، قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى مەركەزلىك ئىپادىلەندى. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئۈزۈندىسى(2)»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ قوللىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر