باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقاتتى

ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2015.04.10 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ) نى تارقاتتى. بۇ «يولغا قويۇش لايىھەسى» ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئالاقىدار ئىسلاھات ۋەزىپىسى بىلەن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىزىلغان لىنىيە خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يېتەكچى ئىدىيە، نىشان-ۋەزىپە ۋە ئاساسىي پىرىنسىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى چەكلەيدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ، «ئىككى يۈز يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر