باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتنى قانات يايدۇرىدۇ

ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ئېلانلار تازىلىنىدۇ

2015.04.10 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 9- ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق 12 ئورۇن يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2015- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت مىقياسىدا ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئىنسان كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىش تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانۇنسىز قانات يايدۇرغان داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرى، ئالاقىدار تەرەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئىنساننىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىش تېخنىكا مۇلازىمىتى مۇھىتى ساپلاشتۇرۇلۇپ، نورمال تۇغۇت تەرتىپى قوغدىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ ۋە پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. مەملىكەتلىك ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشقا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلدى ھەم « مەملىكەتلىك ۋەكالىتەن ھامىلدار بولۇشقا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى» تۈزۈلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر