باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رېنرېن تورى شەھۋانى ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى

ۋاڭيىيۈن ئوقۇش تورىنىڭ تىجارىتى توختىلىپ تەرتىپكە سىلىندى

2015.04.10 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 9-ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك«شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى بۈگۈن قىسمەن مەركەز ئاخبارات تور بېكىتى ۋە ۋاڭيى، بەيدۇ، مومو، تاۋباۋ، سىنا، تېڭشۈن، سۇخۇ قاتارلىق سودا تور بېكەتلىرىنىڭ «2015 تور تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە توردا شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، «ئۈچ خىل تور بېكىتى» ۋە «ئىككى خىل قىلمىش» قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ، يەنى شامالغا قارشى شەھۋانى ئۇچۇر ئىشلەپ تارقاتقان داڭلىق تور بېكىتى، سىن تور بېكىتى، ئىزدەش تور بېكىتى قاتارلىقلار«mobwly»دىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش، چەكمە كۆزنەك، ئىزدەش ماتورى، بۇلۇت ساقلىما، كۆچمە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېرمىنال، تېلېۋىزىيە قۇتىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقە تورى كارخانىلىرىدىن سوبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا بىلەن باشقۇرۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەنلا يۈرۈشلەشكەن باشقۇرۇش تەدبىرلىنى ماسلاشتۇرۇپ، «تېزگىنىنى تارتىپ تۇرۇش»قا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «2015 تور تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە 2- تۈركۈمدىكى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى: رېنرېن تورىنىڭ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى، جېجياڭ جىنخۇا«سەركە» قاتارلىق ئۇندىدار جامائەت سۇپىسىنىڭ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى، شەندۇڭ زىبو«BT99 يادرو زاۋۇتى» تورىدا شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى قاتارلىق 7 دېلو ئاشكارىلاندى. بۇ دېلولارنىڭ بىرى مەمۇرىي دېلو، 6 سى جىنايى ئىشلار دېلوسى بولۇپ، چوڭ تور بېكىتى، قانۇنسىز تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى، QQ توپى، بۇلۇت دېسكا قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەملىكەتلىك«شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ۋاڭيىيۈن ئوقۇش ئىستۇنىدا شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇلدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 9- ئاپرېل گۇاڭجۇ ۋاڭيى كومپيۇتېر ئۇچۇر سېستىمىسى چەكلىك شىركىتىگە جازالاش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىپ، بۇ شىركەتنىڭ ۋاڭيىيۈن ئوقۇش ئىستۇنى تىجارىتىنى بىر ئاي توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇدى ھەم 856228.8 يۈەن جەرىمانە قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر